〘ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئيىتى〙 رەسمىي قۇرۇلدى .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە گوللاندىيە خەلقىغە جەمئيىتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ باياناتنى ھۇزۇرۇڭلاغا سۇندۇق.
جەمئيىتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان، جازا لاگىرلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە خورلۇنۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ۋە ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان ، ھەتتا ئاۋازىنى چىقىرىشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەرزلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىدۇ .