ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزنامىسىنى سەمىمىيەت بىلەن قارشى ئالىدۇ ۋە تولۇق قوللايدۇ.
مەزكۇر تەشەببۇسنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە ئېلىپ كىرىشتىكى تارىخىي ۋە مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارايمىز. بىز بۇ تىرىشچانلىقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆلچەملىرىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ پۇرسەتتە، مەزكۇر ئەرزنامىنى تەييارلاش ۋە سۇنۇشقا تۆھپە قوشقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋە قوللىغۇچىلارغا چەكلىك ھۆرمىتىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ، قانۇنىي ۋە لېگىتىم بولغان خەلقئارالىق مېخانىزملار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش تىرىشچانلىقى خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەتراپىدىكى تۈرلۈك بايانلار ۋە خاتا ئۇچۇرلار خەلقئارا جەمئىيەتتە گاڭگىراش پەيدا قىلىپ كەلدى. بۇ جەھەتتە، بىز مەزكۇر ئەرزنامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى دۇنياغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشتىكى مەنىلىك ۋە مۇھىم بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەرزنامىنى خەلقئارا قانۇن پرىنسىپلىرى، ئىنسان ھوقۇقى ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئۇيغۇن ھالدا ئەستايىدىل ۋە ئادىل تەكشۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان خەلق جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ ۋە بۇ مۇھىم مۇساپىگە ئۇتۇق تىلەيدۇ.
: